Chinese→UyghurMain Dictionary
平达
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
píng dá
پىندا
دۇنيا تارىخى
پىندار
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 522 - 442) قەدىمكى گرېتسىيە لىرىك شائىرى. بوئېئوتىيانىڭ مەركىزىي شەھىرى تېبىستا ياكى شۇنىڭغا يېقىن جايدىكى گىنوسسېچخالا دېگەن يەردە تۇغۇلغان. ئۇ ئاقسۆڭەك شۇنىڭدەك مۇزىكىغا ھەۋەس قىلىدىغان ئېسىلزادىلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كىچىكىدە ئاھاڭ مەشقى قىلغان. كېيىن ئافىناغا ئوقۇشقا بېرىپ، لاسۇستا شېئىرىيەتنى ئۆگەنگەن. 20 ياشتىلا تالانتى كۆرۈلۈشكە بالشىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بوئېئوتىيالىق شائىرە گورىننا بىلەن مۇشائىرلىق قىلىشىپ ئۇدا يېڭىلىپ قالغاچقا تېخىمۇ تىرىشىپ، ئاخىرىدا مەشھۇر شائىرغا ئايلانغانىكەن؛ <ئاق پەيلىك ئاققۇ> دېگەن نامغا ئېرىشىپ، گرېتسىيە جەمئىيىتىدە كەڭ دائىرىدە شۆھرەتكە ئىگە بولغانىكەن. مىلادىدىن 476 - 472 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى سىتسىلىيە ئارىلىدىكى سىراكۇزى ئوردىسىدا تۇرغان بولۇپ، خىرون Ⅰ نىڭ ئىززەتلىشىگە نائىل بولغان. ئۇ مەدھىيە خورى (قەدىمكى گرېتسىيىدە لىرىك شېئىرلارنى مۇزىكىغا سېلىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ) يېزىش بىلەن داڭق چىقارغان، بولۇپمۇ ئولىمپىيە بايرىمى -زىۋىسقا تېۋىنىش(، پىتىئاڭ بايرىمى )ئاپوللونغا تېۋىنىش( قاتارلىقلارغا ئاتاپ يازغان ئىلاھلار مەدھىيىسى ۋە ماھارەت كۆرسىتىشتە غالىب كەلگۈچىلەرنى مەدھىيىلەش شېئىرلىرىنىڭ تىلى پاساھەتلىك، تۇرغۇ - ۋەزىنلىرى مۇكەممەل بولۇپ، مول تەسەۋۋۇرغا ۋە ئوخشىتىشقا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى گرېتسىيىنىڭ جۇشقۇن، جەسۇرانە روھىمۇ نامايان قىلىنغان. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى 40 پارچىدىن ئوشۇق بولۇپ، بەزى كەمتۈك جايلىرى كېيىن تېپىلغان ئەسەرلىرى بىلەن تولۇقلانغان. ماكېدونىيىدىكى ئالېكساندر )ئىمپېراتور( تېبىس مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى باستۇرغان ۋاقىتتا )مىلادىدىن 633 يىل ئىلگىرى(، تېبىس ئۈزۈل - كېسىل ۋەيران قىلىنغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا پەقەتئ ىلاaىي ئىبادەتخانا بىلەن پېندارنىڭ ئۆيىلا مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان )ئالېكساندر كىچىك ۋاقىتلىرىدا پېندارنىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغانىكەن(. پېندار ئۇسلۇبى كېيىنكى ئەسىرلەردە ياۋروپا ئەدەبىياتىدىكى بىر خىل مەدھىيە ژانىرىغا ئايلانغان.