Chinese→UyghurMain Dictionary
平城京
دۇنيا تارىخى
خېيجوكىيو
ياپونىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى. كۆپ قىسمى بۈگۈنكى نارا شەھىرىدە. مىلادى 708-يىلى تېننو يۈەنمىڭ يەر تاللاپ قۇرۇلۇش قىلدۇرغان. 710-يىلى تېننو يۈەنمىڭ يەر تاللاپ قۇرۇلۇش قىلدۇرغان. 710-يىلى فۇجى ۋارا ئوردىسىدىن پايتەختنى بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. 784-يىلى يەنەنگا ئوكاكىيوغا كۆچكەن. نارا پايتەخت قىلىنغان مەگىللەر تارىختا نارا دەۋرى دەپ ئاتالغان. پايتەخت قۇرۇلۇشى جۇڭگو تاڭ سۇلالىسىنىڭ چاڭئەن شەھىرىگە تەقىد قىلىنغان، ئاساسلىق قىسمىنىڭ يۈز تەكشىلىكى تىك تۆت بۇلۇڭلۇق، جەنۇبتىن شىمالغا 4.8 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە 4.3 كىلومېتىر بولغان خېيجو ئوردىسى شىمالىي قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان؛ ئاساسىي يول شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنى ئىككى قىسمغا ئايرىۋەتكەن. شەرقىي قىسمى سول تەرەپ ئوردا، غەربىي قىسمى ئوڭ تەرەپ ئوردا دەپ ئاتالغان. شەرق ۋە غەرب بازىرى بولغان. پۈتۈن شەھەر بىر - بىرى بىلەن كېسىشكەن چوڭ يوللار، يەنى جەنۇبتىن شىمالغا ئېلىنغان توققۇز يول، شەرق ۋە غەربنىڭ ھەر قايسىسىدىكى تۆت يول بىلەن نۇرغۇنلىغان پارچىلارغا بۆلۈۋېتىلگەن. ھەربىر پارچىنىڭ تۆت تەرىپى 500 مېتىردىن بولغان. ئوردا ئىچى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى مەسىلەن، كوفوكۇ ئبادەتخانىسى، قاتارلىقلارنىڭ بەزىلىرىدە يەنىلا ئەينى دەۋردىكى قۇرۇلۇشلار ياكى ئۇلارنىڭ خارابىلىرى ساقلىنىپ قالغان.