Chinese→UyghurMain Dictionary
皮浪
دۇنيا تارىخى
پىررون
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 365 - 275) پررو دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. گۇمانخورلارنىڭ پېشۋاسى. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) دىكى ئېلس دېگەن يەردىن، ئائىلىسى نامرات ئۆتكەن. ياش ۋاقىتلىرىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن پەلسەپىنى تەتقىق قىلغان؛ مېگرا ئېقىمى ۋە دېموكراتىنىڭ ئاتوم نەزەرىيىسى تەلىماتى بىلەن ئۇچراشقان. ئاناكساركو (دېموكرات ئېقىمىغا تەۋە ئىدى) بىلەن بىللە، ئالېكساندر (ۈيۈك ئىمپېراتور) نىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ھىندىستانغا بارغان. كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇلغان ئەسىرى يوق، ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى شاگىرتى تىمون خاتىرىلىۋالغان بولۇپ، بۇ خاتىرىلەرنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. پىررون، كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى (ماھيىتى) نى تونۇشى مۇمكىن ئەمەس، بىز شەيئىلەرنىڭ راست ياكى يالغان ئىكەنلىكىنى تۇيغۇ ئارقىلىقمۇ، ھۆكۈم ئارقىلىقمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمىز، شۇڭا، ئۇلارغا ئىشەنمەسلىك كېرەك، بەلكى پىكىر بايان قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، دەپ قارىغان. شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدە ياخشى - يامانلىق، چىرايلىق - سەتلىك دېگەن نەرسە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شەيئىلەرگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنىڭ بولۇشى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى ۋە ئادىتى بويىچە ھۆكۈم قىلغانلىقتىن بولغان نېمىلا دېگەن بىلەن شەيئىلەرنى بىلگىلى بولمايدۇ، ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپ ئۆلچىمىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، بىز مەڭگۈ <بۇ ئىشنى مۇشۇنداق بولىدۇ> دەپ ئېيتالمايمىز، بەلكى <بۇ ئىش مۇشۇنداق بولارمىكىن> دەپ ئېيتىشىمىز لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھەرقانداق ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش ئەڭ يۈكسەك ياخشىلىق بولارمىش، بۇ خىل پوزىتسىيە <كۆڭۈلنىڭ ئەمىن تېپىشى> (ياكى <كۆڭۈلنى چاچماسلىق> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) نى ئىشقا ئاشۇرارمىش؛كۆڭۈلنى سىرتقى نەرسىلەر (مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدىغان نەرسەىلەر) چېچىۋەتمىگەندىلا، بارلىق ئارزۇ - ئۈمىدلەردىن ۋاز كېچىپ، غەم - ئەندىشىسىز ھالەتكە يەتكىلى بولارمىش، پىرروننىڭ گۇمانخورلۇق تەلىماتىغا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرغان، كېيىنكىلەرمۇ گۇمانپەرەسلىكنى پىررونىزم دەپ ئاتىغان.