UyghurMain Dictionary
پەزىلەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلىك جەمىئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇشىنىڭ مىزانى.
ئەدەبتىن ئەلا مىزان يوق. ئالىيجانابلىق كىيىمدە ئەمەس، ئەخلاقتا. پەزىلەت بەخىتكە ئېرىشتۈرىدۇ. يۇقىرى پەزىلەتلىك دوستى يوق كىشىنىڭ ھاياتى قاراڭغۇ. ئەخلاق - پەزىلەت _ دوستلۇقنىڭ ئاساسى. ئەدەب - ئەخلاق بازاردا سېتىلماس. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئەردەم، ئەركان، ئەھكامىلىرىنىڭ ھازىرقىغا لايىقراقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىلەردە بولىدىغان ئىجابىي خىسلەت، ياخشى سۈپەت، ياخشى خۇسۇسىيەت.
تۇز ھەققىنى ئاقلىماق ئىنساننىڭ ئالىي پەزىلىتىدۇر.
ئاياللار ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ياخشى خىسلەتلەر ئىگىسى؛ ئەۋزەل، ئۈستۈن تۇرغۇچى. ئەسلىي تەلەپپۇزى: فەزىلەت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئارتۇقچىلىق، گۈزەل ئەخلاق