UyghurMain Dictionary
پەسىل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يىلنىڭ تۆت مەۋسۈمىنىڭ ھەر بىرى.
ئەتىياز پەسلى، ياز پەسلى. * كۈز پەسلى، قىش پەسلى. * پەسىللىك، پەسىلچان. * پەسىلگە قاراپ كىيىم كىي.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كىتابلار، ماقالىلەرنىڭ تۈرلۈك بۆلۈنۈشلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى.
بۇ كىتاب ئىككى پەسىل، سەككىز باب، ئون ئىككى بۆلۈمدىن ئىبارەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ ئەسەرنىڭ تۈرلۈك بۆلەكلىرى.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» تۆت پەسىل، 29 باب، 16 بۆلۈم، 270 ماددىدىن ئىبارەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر يىلنىڭ بۆلۈنگەن تۆت قىسىمىنىڭ ھەربىرى، پەسىلنىڭ 12 قىسمىنىڭ ھەربىرى؛ ئومۇمەن بىر مۇقەددەت.
ھەر نەرسە ئۆز پەسلىدە ياخشى. كۈزدە جۈيخارگۈل، باھاردا شاپتۇل، ھەربىرىنىڭ ئۆز مەۋسۈمى بار. سېزونغا قاراپ كىيىم كىي.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەدىمكى كىشىلەر بىر يىل ئىچىدىكى كىلماتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر يىلنى باھار، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلگە بۆلگەن. بىر پەسىل ئۈچ ئاي بولۇپ، ئادەتتە 11 -، 12 -، 1 - ئايلار قىش پەسلىگە؛ 2 -، 3 -، 4 - ئايلار باھار پەسلىگە؛ 5 -، 6 -، 7 - ئايلار ياز پەسلىگە؛ 8 -، 9 -، 10 - ئايلار كۈز پەسلىگە تەۋە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاسترونومىيە
بىر يىلنى تەشكىل قىلىدىغان تۆت مەۋسۇمنىڭ ھەربىرى (ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش)؛ مەزگىل.
بىر يىل دېگەن تۆت پەسىل، ھەر بىر پەسىل ئۈچ ئايدىن، ئۆتەر ئۆمرۈم يىل بىلەن، تۇتالماسمەن ھېچ قايدىن.