UyghurMain Dictionary
پەرىزاد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پەرىدىن تۇغۇلغان، گۈزەل:
خەيال ئەيلەدى: بۇ مېنىڭ لايىقىم،
ئۆيەمدە پەرىزاد بولغاي مۇقىم.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەرىزات. كۆچمە مەنىسى: جانان، چىرايلىق قىز، گۈزەل.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە)
پەرىلەردىن تۇغۇلغان، يەنى گۈزەللەر ئەۋلادىغا مەنسۇپ، تەڭداشسىز گۈزەل قىز.