UyghurMain Dictionary
پەرۋايى پەلەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچبىر غەم - ئەندىشە قىلمايدىغان.
بىغەمنىڭ ئۇيقۇسى تاتلىق. پەمسىزنىڭ پاراسىتى يوق، غەمسىزنىڭ پاراغىتى. بىپەرۋا پات سەمرىيدۇ، ئاسان تۈگىشىدۇ. پەرۋاسىزغا پەرۋا قىلما. قىز تارتىنچاق كېلىدۇ، يىگىت غەم يېمەس. پەرۋايى پەلەككە پەگا بىلەن تۆرنىڭ پەرقى يوق. ئۇ _ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە يېتىپ مانتا يەيدىغان ئادەم.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بولۇۋاتقان ئىش، ۋەقە، ھادىسىلەر بىلەن قىلچە چاتىقى يوق، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، كارى بولمايدىغان: - بۇنداق دوقلىرىدىن پەرۋايىم پەلەك، قىزىمىز ئۆزىگە ئۆزى ئالتۇن، - دېدى قاسىم ئاخۇن قۇدىسىغا