Uyghur←ChineseMain Dictionary
پەرمان تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
律令制
lǜ lìng zhì
ياپونىيىدە تايكا يېڭىلىقىدىن كېيىنكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەرخىل تۈزۈملەر. مىلادى 646 - يىلى (تايكىنىڭ 2 - يىلى) يېڭىلىق يارلىقى ئېلان قىلىنغان؛ 652 - يىلى (بەيجىنىڭ 3 - يىلى) يەر بېرىش قانۇنى يولغا قويۇلغان. تېننو تېنجى(668 - 671 يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) <جىنجياڭ پەرمانى>نى تۈزگەن، تېننو جىتو (690 - 697 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) <ئاسۇكا پەرمانى> نى يولغا قويغان، 701 - يىلى (داباۋنىڭ تۇنجى يىلى) <داباۋ پەرمانى> تۈزۈلگەن، 718 - يىلى (ياڭلاۋنىڭ 2 - يىلى) ئۆزگەرتىلىپ <ياڭلاۋ پەرمانى> قىلىنغان، پەرمانلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، بىر يۈرۈش ھوقۇق مەركەزلەشكەن مەمۇرىي ئاپپاراتلار شەكىللەنگەن: تېننونىڭ قول ئاستىدا ئىككى زوراغالىق (خاندانلىق زوراغاسى، مەمۇرىي زوراغا)، سەككىز ۋازارەت (شىغاۋۇل، ھۆدەيچى، مەنسەپ، سېلىق - تۈتۈن، لەشكىرىي، جازا، ئاغچى ۋە ساراي ۋازارىتى)، بەش پاسىبان (دەرۋازىۋەن، ئوڭ قول، سول قول پاسىبان، ئوڭ قول، سول قول ياساۋۇل) بولغان. يەرلىكتە بەگلىك، ئىنانچىلىق، مەھەللە قاتارلىق مەمۇرىي تەشكىلاتلار بولۇپ، بەگلىكتە بەگ، ئىنانچىلىقتا ئىنانچى تەيىنلەنگەن. نوپۇس تىزىملىكى تۈزۈلگەن، 670 - يىلى (تېننو تېنجىنىڭ 9 - يىلى) <گىڭۋو تىزىملىكى> تۈزۈلۈپ، سالاھىيەتتە ئەزىز - پەس دەپ ئايرىلغان، ھەر50 تۈتۈن بىر مەھەللە قىلىنغان. ئۇزۇقلۇق ئېتىز، تۇرالغۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى تىزىملانغان. يەر بېرىش تۈزۈمى ئاساسىدا، ئىجارىگەبېرىش، ياللاش، تەڭشەش ھەمدە ھەرخىل ئالۋان- ياساقلار بەلگىلەنگەن. تايكادىن كېيىن نوپۇسى كۆپىيىپ، يەر بېرىشتە قىيىنچىلىق يۈزبەرگەن. 723 - يىلى (ياڭلاۋنىڭ 7 - يىلى)، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن <ئۈچ ئەۋلاد پايدىلىنىش قانۇنى> تۈزۈپ چىقىلغان، 743 - يىلى (تېننو ئاماخىرانىڭ 51 -يىلى) <ئۆزلەشتۈرۈلگەن بوز يەر مەڭگۈ خۇسۇسىي مۈلۈك بولۇش قانۇنى> ئېلان قىلىنىپ،ئېچىلغان بوز يەرنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش تولىمۇ ئېغىر بولغاچقا، دېھقانلار قېچىپ كەتكەن. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا بارغاندا، يەر بېرىش تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇشقامۇمكىن بولمىغان. ياپونىيە تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، پەرمان - تۈزۈمىنىڭ زەئىپلىشىشى، ئەمەلىيەتتە پەقەت يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىقنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەنلا چەكلەنگەن. مەركىزىي ئورگانلاردا مەمۇرىيەتنىڭ ئۈستىدە نايىب، گۇەنبەي ۋە كېڭەش بولسىمۇ، لېكىن مەمۇرىي ئورگانلاردىكى ئۆزگىرىش چوڭ بولمىغان.جازا يەنىلا پەرمانغا ئاساسەن ئىجرا قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسىگە تەقلىد قىلىنغان مەمۇرىي ئورگانلار تاكى يېقىنقى زاماندا غەربنىڭ قانۇن تۈزمىنى كىرگۈزگەنگە قەدەر قوللىنىپ كەلگەن.