UyghurMain Dictionary
پەرمان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىش مەجبۇرىي بولغان كۆرسەتمىسى.
بۇيرۇقنىڭ قولى. ئۆزى بۇيرۇق قىلىپ ئۆگەنگەن كىشى قىيىن باشقىلارغا قۇلاق سېلىشى. ئەدەبتىن ئەمر ئەلا. خاننىڭ ئەمرىدىن خوتۇننىڭ بويرۇقى كۈچلۈك. بارنىڭ ئىشى پەرمان بىلەن. يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن. يارلىق چۈشسە، يەردە قالمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش شەرت بولغان يوليورۇقى، قارارى، تاپشۇرۇقى.
ئىلتىجا، ئىلتىماس، مۇراجىئەت
تەلەپ، ئۆتۈنۈش.
باشلىقنىڭ ئىلتىماسىمۇ بۇيرۇق. بۇيرۇق چۈشتى - ئىش پۈتتى. خاننىڭ ئەمرىدىن خوتۇننىڭ بۇيرۇقى كۈچلۈك. ئەدەبتىن ئەمىر ئەلا. بارنىڭ ئىشى پەرمان بىلەن، يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن. يارلىق چۈشسە يەردە قالماپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئېلان قىلغان بۇيرۇق، يوليورۇق، قارار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەت.
ئۇ بۇ پەرماننى ئاڭلاپ، شەھەر سىرتىغا چىقىپ بىر چوڭ تاغنىڭ ئۈستىدە ماراپ تۇردى.
بىرەر ئىشنى ئورۇنلاش ھەققىدىكى بۇيرۇق، ئۇقتۇرۇش.
- ئاتىسىنىڭ پەرمانىغا قۇلاق سالمىغان بالىنى بالا دېگىلى بولامدۇ؟ - دېدى سالى قاسساپ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
بۇيرۇق