Uyghur←ChineseMain Dictionary
پەردە پوتېنسىئالى
بىئولوگىيە
膜电位
módiànwèi
ھۈجەيرە جىمجىت ھالەتتە تۇرغاندا ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىككى يېنىنىڭ ئىچىدە مەنپىي سىرتىدا مۇسبەت بولغان پەردە پوتېنسىئالى بولىدۇ. ئۇ <تۇرغۇن پوتېنسىئال> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پەردە پوتېنسىئالى ھاسىل بولۇشنىڭ سەۋەبى ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇسبەت، مەنپىي زەرەتلەنى ئايرىپ تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدىن ھۈجەيرە ئىچى ۋە سىرتىدىكى زەرەتلىك ئىئونلار ياكى زەرەتلىك گېنلارنىڭ تارقىلىش تەكشىسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، شۇنىڭدەك ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ھەرخىل ئىئونلارغا بولغان تاللاپ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدۇر. مەسىلەن، ھۈجەيرە ئىچىدىكى k+ كونسېنتراتسىيىسى ھۈجەيرە سىرتىدىكىدىن يۇقىرى، ھۈجەيرە سىرتىدىكى Na+ نىڭ كونسېنتراتسىيىسى ھۈجەيرە ئىچىدىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن ھۈجەيرە ئىچىدىكى ئومۇمىي مەنپىي زەرەتلىك ئىئونلار ياكى گېنلار كۆپ، ھۈجەيرە سىرتىدىكى ئومۇمىي مۇسبەت زەرەتلىك ئىئون ياكى گېنلار كۆپ بولۇش نەتىجىسىدە ئىچى مەنپىي، سىرتى مۇسبەت بولغان پەردە پوتېنسىئالى پەرقى شەكىللەنگەن. يېقىندىن بۇيانقى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە پەردە پوتېنسىئالىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى ھۈجەيرىنىڭ پائالىيەت ھالىتىگە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، يامان سۈپەتلىك ھۈجەيرىنىڭ مەنپىي پەردە پوتېنسىئالى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؛ بۆلۈنۈش ھالىتىدە تۇرغان ھۈجەيرىنىڭ مەنپىي پەردە پوتېنسىئالى ئۆرلەيدۇ. بۇ ھۈجەيرە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىئون كونسېنتراتسىيىسىنىڭ ھۈجەيرە پائالىيىتىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان.
خىمىيە
膜电势
mó diàn shìDئۇنىۋېرسال
膜电位
mó diàn wèi