Uyghur←ChineseMain Dictionary
پەن پېيچۇ
دۇنيا تارىخى
潘佩珠
pān pèi zhū
(1867 - 1940) ۋېيتنام مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ئەسلى ئىسمى پەن ۋېنسەن، تەخەللۇسى ساۋنەن،يەنە بىر تەخەللۇسى سى خەن، يىئەن ئۆلكىسىنىڭ نەنتەن ناھىيىسىدىن، يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدىن تارتىپلا فېئوداللىق تەربىيە ئالغان، خەنزۇچە يېزىققا ئۇستا. ياش ۋاقتىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. 1904 - يىلى يېڭىلىققا كۆچۈش ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان، شەرققە بېرىش ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان. ئىككىنچى يىلى ياپونىيىگە بېرىپ، سۈن جۇڭشەن، لياڭ چىچاۋ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلىغان. 1912 - يىلى جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ۋيتنامنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى قۇرۇپ، زۇڭلى بولغان. ئۇ قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋيېتنامنى ئازاد قىلىپ، ۋيېتنام جۇمھۇرىيەت خەلق دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1924 - يىلى ۋيېتنام گومىنداڭى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. ئىككىنچى يىلى شاڭخەيدەقولغا ئېلىنىپ، ئۆز ۋەتىنىگە قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن شۈنخۇادىكى يۈيجىندە نەزەربەنت قىلىنىپ <يۈيجىن ئاق ساقىلى> دەپ ئاتالغان. <ۋيېتنامنىڭ مۇنقەرزلىك تارىخى> (ئاغزاكى ئېيتىپ بەرگەن. لياڭ چىچاۋ خاتىرىلەنگەن)، <تۈرمە خاتىرىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.