Uyghur←ChineseMain Dictionary
پەم - پاراسەت
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
zhì móu
智谋
پسىخولوگىيە
直觉
zhí jué
( رۇسچە « ئىنتۇئىتسىيە _ интуиция » دەپ ئاتىلىدۇ ). كىشىنىڭ بىلىم ۋە تەجرىبىلەر ئاساسىدا ھەقىقەتنى بىۋاستە قىياس قىلىش ئارقىلىق ئىگە بولغان بىلىش قابىلىيتىدىن ئىبارەت. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر شەيئىنى بىۋاستە بىلىشتىكى بىر خىل ئالاھىدە تەپەككۇر پائالىيىتى. مەسلەن: بىرەر جۈملىنىڭ خاتالىقىنى گرامماتىكىلىق ئانالىز قىلماستىنلا بىۋاستە ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. مۇنداق بىۋاستە ھېس قىلىپ بىلىش بۇ بىر سەزگۈ _ ئىدراك قىلىش ئەمەس، بەلكى بىر خىل تەپەككۇر پائالىيىتى. بۇ خىل تەپەككۇر پائالىيىتى ئادەتتىكى تەپەككۇر پائالىيىتىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ خىل بىۋاستە پەملەش بولۇپ، ۋاستىلىك بىلىش ئەمەس. جۈملىدىكى خاتالىقنى بايقىغان كىشىنىڭ گراماتىكىنى ئۆگەنمىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. گەرچە گرامماتىكىدىن خەۋىرى بولمىسىمۇ، گرامماتىكا جەھەتتىن ئويلىماي، ئادەتكە ئاساسەن بىۋاستە تەڭرى ئاتا قىلىغان بىر خىل بىلىش قابىلىيىتى بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتكە، ئاڭلىق لوگىكىلىق پائالىيەتكە تايانمايدۇ دەپ ھېسابلايدۇ. دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم مۇنداق ئىدىيالىستىك قاراشنى ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى ئەمەلىيەتتە بىلىم _ تەجرىبىگە ئاساسلانمايدىغان، ئەمەلىيەتكە ۋە ئاڭلىق لوگىك تەپەككۇرگە تايانمايدىغان ئالاھىدە تەڭرى ئاتا قىلغان بىلشىتىن ئىبارەت « پەم _ پاراسەت » يوق.