UyghurMain Dictionary
پەملىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسىلەرنىڭ تېگى - تەكتىگە يەتمەك.
قۇربان ھاشىم ئىشنىڭ ئەپلەشمىگەنلىكىنى پەملەپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەممىنى ساۋۇتجانغا دۆڭگىدى.
ئويلىماق، مەقسەت قىلماق.
- سەن بىر نەرسىنى پەملەۋاتىسەنغۇ دەيمەن، - دېدى ئەختەم.
ئەپلىمەك، بابلىماق، جايلىماق.
كامال، ئالماسنىڭ قېشىغا يېقىن كېلىپ، قۇلىقىغا: - ئاۋۇ ماش رەڭ چاپانلىقنى كۆردۈڭمۇ؟ بارە، پۇل كاسا يانچۇقىدا جۇمۇ، قورقما، مەن ئاۋۇ كەپكە شەپكىلىكنى پەملەي، - دېدى.