UyghurMain Dictionary
پەللە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شوتا، پەلەمپەيلەرنىڭ ھەر بىر باسقۇچى،بالدىقى.
پەلەمپەينىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققۇچە ھالىم قالمىدى. * ئۆيۈڭگە يولاتما قېرى دەللىنى، كىرىپ - چىقىپ بۇزىدۇ پەللىنى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تەنتەربىيە ئاتالغۇسى. يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ئوغلاق تارتىشتا، باشلانغان ۋە توختايدىغان يەر.
ئۇ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، پەللىگە ئاز قالغاندا يىقىلىپ چۈشۈپ ھەسرەتتە قالدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تىبابەتچىلىك ئاتالغۇسى. بەدەننىڭ يىڭنە سانجىشقا بولىدىغان يەرلىرى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ يۇقىرى چوققا، نىشان، مەنزىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پەلەمپەي، شوتا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر باسقۇچى، بالدىقى.
ئۇ شوتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا زادىلا بولالماي قالدى.
بىرەر ئىش، ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ راۋاجلىنىش جەريانىدىكى ئايرىم پەيتى، دەۋرى؛ باسقۇچى، دەرىجىسى.
پەن مەلۇم پەللىگە يەتكەندە، يېڭى يول نامايەن بولىدۇ.
<تەن> يۈگۈرۈش مۇسابىقىسدا، تەييارلىق ھالىتىدە تۇرىدىغان ياكى يېىتپ بارىدىغان ئورۇن؛سىزىق، چەك.
پەللىدىن چىقماق، پەللىگە يېتىپ بارماق.
بەلگىلەنگەن نۇقتا، نىشان، مەنزىل.
موللا زەيدىن تەمتىرىمەستىن دېمىنى رۇسلاپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
<تېب> ئادەم بەدىنىنىڭ يىڭنە سانجىشقا بولىدىغان يېرى، بەدەندىكى نېرۋىلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرى زىچ توپلاشقان جايلىرى ياكى تومراق نېرۋا تالالىرى ئۆتىدىغان جايلار پەللە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېرە كېسەللىكلىرىدىكى داۋالىنىدىغان جايمۇ پەللە ھېسابلىنىدۇ.
تارازىنىڭ نەرسە قويۇلىدىغان تەخسىسى.
<بوت>
ئۇرۇقنىڭ مۇستەقىل ئاجرالغان ھەربىر بۆلىكى