Chinese→UyghurMain Dictionary
胚珠
ئۆسۈملۈك
pēi zhū
ئۇرۇق كۆرتىكىDئۇنىۋېرسال
pēi zhū
تۆرەلمە تۈگۈنى
Dدېھقانچىلىق
pēi zhū
تۆرەلمە مارجىنىDئورمانچىلىق
pēi zhū
ئۇرۇق تۈگۈنى، تۆرەلمە تۈگۈنى
بىئولوگىيە
تۆرەلمە تۈگۈنى
ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چوڭ سپورا خالتىسى بولۇپ، ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن يېتىلىپ ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە تۈگۈنى يالىڭاچ بولىدۇ؛ يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە تۈگۈنى ئانىلىقنىڭ ئۇرۇقدېنى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بىر ئۇرۇقدان ئىچىدىكى تۆرەلمە تۈگۈنىنىڭ سانى ئۆسۈملۈك تۈرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ: مەسىلەن، شال، ئاپپاپپەرەستە بىر تال، نوقۇتتا 2 - 3 تال، كېۋەزدە 10 تال. تاماكا چۆپىدە 2000 - 4000 تال؛ تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە ئون مىڭدىن ئارتۇق بولىدۇ. تۆرەلمە تۈگۈنى تۆرەلمە سېپى ئارقىلىق تۆرەلمە تەختىدە ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق قسىمى تۆرەلمە مەركىزى، يەنى ئېنىقراق ئېيتقاندا چوڭ سپورا خالتىسى بولۇپ، سىرتنى 1 - 2 قەۋەت تۈگۈن يېپىنچىسى ئوراپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئىككى قەۋەت تۆرەلمە يېپىنچىسىنى بولسا ئايرىم - ئايرىم ھالدا تاشقى تۆرەلمە يېپىنچىسى ۋە ئچىكى تۆرەلمە يېپىنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆرەلمە يېپىنچىسىنىڭ ئۇچىدا بىر كىچىك تۆشۈك بولۇپ، تۈگۈن تۆشۈكى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۇرۇقلىنىش ۋاقتىدا گۈل چېڭى نەيچىسىنىڭ تۈگۈن مەركىزىگە بارىدىغان يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈگۈن مەركىزىنىڭ تۆۋەن قىسمى بىلەن تۈگۈن يىپچىسىنىڭ ئۇچراشقان ئورنى قوشۇلۇش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. قاناللار باغلىمى تۈگۈن سېپىدىن قوشۇلۇش نۇقتىسىغا كېلىپ تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈگۈن مەركىزى ئىچىدە تۆرەلمە خالتىسى بولىدۇ، تۆرەلمە خالتىسى ئىچىدە تۇخۇم ھۈجەيرىسى، ياردەمچى ھۈجەيرە، مەركىزىي ھۈجەيرە ۋە تەتەر پۇتلۇق ھۈجەيرە بولىدۇ. تۈگۈن تۆشۈكى، قوشۇلۇش نۇقتىسى ۋە تۈگۈن سېپىنىڭ ئورۇن مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، تۆرەلمە تۈگۈنىنىڭ مورفولوگىيىسىدە ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. ئەگەر ئۈچى بىر تال تۈز سىزىق ئۈستىدە بولسا تۈز ئۆسكەن تۆرەلمە تۈگۈنى دەپ ئاتىلىدۇ؛ تۆرەلمە تۈگۈنى تەتۈر ئۆرۈلگەن بولۇپ، تۈگۈن تۆشۈكى بىلەن تۈگۈن سېپى يېقىن بولسا تەتۈر ئۆسكەن تۆرەلمە تۈگۈنى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئەگرى ۋە توغرىسىغا ئۆسكەن ھالەتلىرىمۇ بولىدۇ.