UyghurMain Dictionary
پەيز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان، زوق - شوق بېغىشلايدىغان، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىك.
- پەيزىڭ بار يىگىت، - دېدى توختىكام نىجات دۇتارنى توختاتقاندىن كېيىن.
سۈپ. گۈزەل، چىرايلىق، ياخشى.
ئۇ؛ - چاپسانراق بولساڭچۇ، ئاداش، بۇ قالتىس پەيز يەر ئىكەن، بىنا بىلەن قوشۇپ بىرنى تارتقىنا، - دەپ يەھيانى ئالدىراتتى.
ئى. ھۇزۇر، راھەت.
ئۇ ناخشىنىڭ ئاخىرىدىكى <ئامان بول، مىڭ - مىڭ ياشا> دېگەن جۈملىنى شۇنداق كېلىشتۈرۈپ ئېيتتىكى، ئۇنىڭ پەيزىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.