UyghurMain Dictionary
پەيغەمبەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خۇدادىن بەندىلەرگە خەۋەر كەلتۈرگۈچى، رەسۇل، ئەلچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاللانىڭ بەندىلەرنى ياخشىلىققا باشلاشقا ئەۋەتكەن ۋەكىلى.
خۇدا بەرسە پەيغەمبەر غىڭ قىلالماپتۇ. زامان ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۆزى يارىتىدۇ. گاھى خۇدا بىلەن روسۇل، گاھى دۇتار بىلەن ئۇسسۇل. مۇھەممەد خۇدانىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسىدۇر. «قسەسۇل ئەنبىيا» نەشىردىن چىقتى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئاللادىن بىۋاستە ۋەھىي كەلگەن ياكى پەرشتە ئارقىلىق، چۈش كۆرۈش ئارقىلىق ئاللانىڭ ۋەھىيسىگە ئىگە بولغان ئادەم ئىسلام دىنىدا پەيغەمبەر دېيىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر» دېيىلگەن (33 - سۈرىنىڭ 40 - ئايىت). ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە،124 مىڭ پەيغەمبەر، 315 رەسۇل ئۆتكەن. «قۇرئان كەرىم» دە 28 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. پەيغەمبەر بىلەن رەسۇل ئوخشاش بولىدۇ. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىچە، پەيغەمبەر ئاللانىڭ ۋەھىيسىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدۇ، رەسۇل خاس ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىن
دىنىي ئېتىقاد بويىچە ئاللانىڭ ئىرادىسى ۋە ئەمر - پەرمانلىرىنى بەندىلەرگە يەتكۈزگۈچى ئىلاھى ۋەكىل؛ نەبى