Chinese→UyghurMain Dictionary
胚层
دېھقانچىلىق,باغۋەنچىلىك
pēi céng
تۆرەلمە قەۋىتىDتېببىي
pēi céng
تۆرەلمە قاتلىمىDئۇنىۋېرسال
pēi céng
تۆرەلمە قەۋىتى
بىئولوگىيە
تۆرەلمە (ئېمبرىئون) قەۋەت
<تۆرەلمە ياپرىقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋان تۆرەلمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى جەريانىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىك تەرەققىيات باسقۇچىدا (ئىپتىدائىي ئۈچەيلىك تۆرەلمە) پەيدا بولغان، دەسلەپكى قەدەمدە دىففېرېنسىيىلەنگەن بەزى ھۈجەيرە قەۋەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. كاۋاك ئىچىلىك ھايۋانلارغا ئوخشاش تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردا پەقەت ئېندوبلاست ۋە ئېكتوبلاست بولىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلاردا ئېندوبلاست، مېزوبلاست ۋە ئېكتوبلاست بولىدۇ. بۇ ئۈچ تۆرەلمە قەۋەت ئورگانىزمىدىكى بارلىق ئورگان ۋە توقۇلمىلار ھاسىل قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئورگان تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم. مەسىلەن، ئېكتوبلاستتىن ئېپىدېرما ۋە نېرۋا توقۇلمىسى قاتارلىقلار شەكىللىنىدۇ، مېزوبلاستتىن مۇسكۇل ئىسكىلىت، قان سۇيۇقلۇقى ۋە لىمفا توقۇلمىسى قاتارلىقلار شەكىللىنىدۇ، ئېندوبلاستتىن ئۈچەي يولى ئېپىتېلىيەسى ۋە ھەزىم قىلىش بەزلىرى قاتارلىقلار شەكىللىنىدۇ