UyghurMain Dictionary
پەي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قۇشلار تېنىدىكى يۇمشاق تۈك، موي.
پەي ياستۇق، پەي يوتقان - كۆرپە. * پەي توپ، پەي قەلەم. * پەي ئوت بىلەن «ئوينىمايدۇ» (ماقال). * قاغىنىڭ پېيى قەلەم بولماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سىڭىر.
پەي تارتىشماق. * پەي تار. * پېيىنى قىرقىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئارمىيە قۇرۇلمىسىنىڭ شتات بىرلىكى.
پەي بەندىن يۇقىرى، لىيەندىن تۆۋەن بولىدۇ. * پەيجاڭ. * تۆتىنچى پەي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەندىكى مۇسكۇللارنى سۆڭەككە بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان چىڭ ۋە ئەۋرىشىم توقۇلما.
دۈشمەننىڭ پېيىنى قىرقى. پەي تارتىشماق. سىڭىر يېگەن ئىت جىم تۇرالماس. تارمۇچنى تارتىپ يە. غەيۋەت _ پىشماق پاتاڭ، نەگە تارتسا شۇ يەرگە بارار.
بىئولوگىيە
قۇشلاردا بولىدىغان بەدەن سىرتىنى يېپىپ تۇرىدىغان بىرخىل ئالاھىدە تۈزۈلۈش بولۇپ، ئېپىدېرمىنىڭ مۈڭگۈزلىشىششىدىن شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ماسسىسى يېنىك، بەلگىلىك سىجىللىققا ۋە ئېلاستىكىلىققا ئىگە. ئۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش، ئۇچۇشقا ياردەملىشىش، بەدەننى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. تۈزۈلۈش جەھەتتىكى پەرقىدىن قارىغاندا يېتىلگەن قۇشلارنىڭ پەيلىرى جەمئىي ئۈچ خىل بولىدۇ، يەنى؛ كونتۇر پەي، مامۇق ۋە قىلسىمان پەي. كونتۇر پەيلەر بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىنى يېپىپ تۇرىدۇ، ئېنىق پەي ئوقى ۋە پەي تاجىسىدىن ئىبارەت روشەن ئىككى قىسمى بولىدۇ، شەكلى دەرەخ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. پەي ئوقى يەنە پەي غولى (پەي يەلپۈگۈچى بار) ۋە پەي يىلتىزىگە (پەي يەلپۈگۈچى يوق) بۆلۈنىدۇ، پەي يەلپۈگۈچى (تاجىسى) پەي شاخلىرى ۋە كىچىك پەي شاخچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. كىچىك پەي شاخچىلىرىنىڭ ئىلمەك بۆرتمىلىرى بولۇپ، يېنىدىكى كىچىك پەي شاخچىلىرىنىڭ بۆرتمىلىرىگە ئىلىنىپ، پەي يەلپۈگۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ. پەي يىلتىزى بىلەن پەي غولىنىڭ تۇتاشقان چېگرىسىنىڭ قورساق تەرىپىدە تۆشۈكى بولۇپ، ئۈستۈنكى كىندىك دېيىلىدۇ. ئۇ جايدىن ئادەتتە قوشۇمچە پەيلەر ئۆسۈپ چىقىدۇ. پەي يىلتىزىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىمۇ بىر تۆشۈكى بولۇپ، ئاستىنقى كىندىك دېيىلىدۇ. مامۇق پەيلەر باچكا (چۈجە) قۇشنىڭ بەدەن سىرتقى يۈزىدىن ۋە يېتىلگەن قۇشنىڭ كونتۇر پەيلىرىنىڭ تۈۋىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. پەي ئوقى ئاجىز، كىچىك پەي شاخچىلىرىنىڭ ئىلمەك بۆرتمىلىرى تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، مەزمۇت پەي يەلپۈگۈچلىرىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، باچكا چۈجە قۇشلارنىڭ مامۇق پەيلىرىدە پەي شاخچىلىرى بولمايدۇ. مامۇق پەيلەر پاختىسىمان يۇمشاق، ئىسسىقلىق ئايرىغۇچى قەۋەت بولۇپ، سۇ قۇشلىرىدا ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئادەتتە ئۇچرايدىغان غاز (ئۆردەك) مامۇقى دەل مۇشۇنداق پەيلەردىن بولۇپ، ئىسسىقلىق ساقلاش خۇسۇسىيىتى يىپەك پاختا ۋە تۆگە تىۋىتىدىن ياخشى بولۇپ، قىشلىق كىيىم، ياستۇق، تۆشەك، يوتقان - كۆرپە قاتارلىقلارغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. پاختا يىپ، قوي يۇڭى قاتارلىقلارغا ئارىلاشتۇرۇپ رەخت توقۇشقا ياكى تىۋىت يىپ ئېگىرىشكە بولىدۇ. قىلسىمان پەيلەر قۇشلارنىڭ كۆز ئەتراپىغا، تۇمشۇق تۈۋىگە ۋە كونتۇر پەيلىرىنىڭ ئاستىغا تارقىلىپ ئۆسكەن بولۇپ، پەي غولى ئىنچىكە - ئۇزۇن، پەي شاخلىرى ناھايىتى ئاز، قىلسىمان بولىدۇ. ئادەتتە كونتۇر پەيلەر بىلەن مامۇق پەيلەرنى يۇلۇۋەتكەندىن كېيىن، كۆرۈشكە بولىدۇ. قۇشلار ئادەتتە قەرەللىك ھالدا پەي ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا قىشلىق پەيلەر ۋە يازلىق پەيلەر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. قىشلىق - يازلىق پەيلىرىنىڭ رەڭگى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قۇش تېنىنى قاپلاپ تۇرىدىغان مۈڭگۈزسىمان نەيچىلەر ۋە شۇ نەيچىلەرنىڭ ئىككى يېنىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان يۇمشاق تۈك؛ موي.
توخۇ پېيى.
پەي ياستۇق. پەي يوتقان. پەي كۆرپە. پەي قەلەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. بەدەندىكى مۇسكۇللارنى سۆڭەككە بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان ئاق رەڭلىك مۇستەھكەم، ئەۋرىشىم توقۇلما؛ سىڭىر: پېيى تارتىشماق.
پەي تار، پەي تارتىشماق.
سۈپ. كۆچمە. چىڭ. مەزمۇت، پۇختا.
پەي ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
ھەربىي
ئارمىيە قۇرۇلمىسىنىڭ شىتات بىرلىكى، ئۇ ليەندىن تۆۋەن، بەندىن يۇقىرى بولىدۇ.