UyghurMain Dictionary
پەدەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاتا، دادا:
كى مەھزۇننى ھەمراھ قىلىپ ئول سەفەر،
بەلا شۇندا دۇر قايدا بولسا پەدەر.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاتا، دادا: پەدەرانە - ئاتىلارچە؛ پەدەرومادەر - ئاتا - ئانا؛ پەدەر بۇزرۇگ - ئۇلۇغ بوۋىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالا تاپقان، بالىلىق بولغان ئەر كىشى. «ئاۋا» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ. «پەدەر» ، «ۋەلىد» لەر ئەرەبچە، كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ، ھازىر ئومۇمەن ئارخائىزمغا ياتىدۇ.
ئادەم ئاتا؛ ئاتىلار سۆزى؛ دۆلەت ئاتىسى؛ ئاتا مىراس؛ ئاتاڭغا رەھمەت؛ ئاتاڭغا لەنەت؛ ئاتاڭ ئايلانسۇن؛ ئاتا يوللۇق؛ ئاتىدارچىلىق؛ ئاتا تۇتماق؛ ئاتا بولماق؛ ئاتام زامان؛ ئاتام ئېيتقان بايقى؛ ئاتا كۆرگەن؛ ئانا كۆرگەن؛ ئاتام ئوغۇل بالا دەپ تاپقان. ئاتامنىڭ بالىسى بولماي كېتەي. ئات بولمىغان ئاتا قەدىرىنى بىلمەس. ئاتا كەمچىلىكى ئەمەس، لاتا كەمچىلىكى. ئاتا دۈشمىنىنى ئۆزۈڭگە دوست تۇتما. دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە؟ پەدەر ھايات بېرىدۇ، ئۇستاز نىجات بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت ئاتا، دادا.
مۆتىۋەر، ئۇلۇغ، يېتەكچى كىشىلەرنى ھۈرمەتلەش يۈزىسىدىن قوللىنىلىدىغان ھۈرمەت سۆزى.
بۇ يۇرتتا كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى بولغان ھۈنەر پەيدا، فارابى ھەم يۈسۈپ ئوخشاش ئۇلۇغ ئۇستاز، پەدەر پەيدا.