UyghurMain Dictionary
پېدرو
دۇنيا تارىخى
(1320 - 1367) پورتۇگالىيە بۇرگۇندىيە سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1357 - 1367). ئالفونسو Ⅳ نىڭ ئوغلى. پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان مەزگىللىرىدە رىتسارلار ۋە شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن، شەخسەن ئۆزى ئەدلىيە ئىشلىرىنى سورىغان ۋە توپىلاڭ كۆتۈرگەن ئاقسۆڭەكلەرنى قاتتىق جازالاپ، چېركاۋنىڭ تەسىرىنى چەكلىگەن. تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى كېنىزەك ئېنېس دې كاسترو بىلەن بىر مەزگىل ئاشنا ئويناپ يۈرگەن، 1355-يىلى ئۇنىڭ دادىسى ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، بۇ ۋەقە كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە پورتۇگالىيە شائىرى كامېسنىڭ مەشھۇر ئېپىك داستانى <لوستانىيە ناخشىسى> (<لوسىياد> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ تېمىلىرىدىن بىرى قىلىنغان؛ شۇ سەۋەبتىن پېدرونىڭمۇ داڭقى چىققان. (2) (1798 - 1834) برازىلىيە ئىمپمېراتورى (1822 - 1831). پورتۇگالىيە كورۇلى جۇئاۋ Ⅵ نىڭ ئوغلى. 1820 - يىلى برازىلىيىدە نايىپ بولغان. 1822-يىلى بىرازىلىيە مۇستەقىل بولۇپ، ئىمپېرىيە قۇرغان ۋە ئۆزى پادىشاھ بولغان. 1824-يىلى چوڭ پومېشچىك، چوڭ ئېكىنزار ئىگىلىرى ۋە چوڭ سودا بۇردۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغان ھەمدە پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى ئورناتقان، لېكىن پادىشاھ يەنىلا تۈرلۈك ئىمتىيارلاردىن بەھرىمەن بولغان. ئىچكى جەھەتتە جۇمھۇرىيەتچىلىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، سىرتقا قارىتا پورتۇگالىيىنىڭ ئوردا كۈرىشىگە قاتناشقان ھەمدە برازىلىيىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەنگلىيىگە بېقىندۇرۇپ قويغان. 1825 - 1828 - يىللىرى ئورگۋاينى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئارگېنتىنا بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1831-يىلى خەلق قوزغىلىڭى پارتلاپ، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان، شۇ يىلى ئالتە ياشلىق ئوغلى فېدرو Ⅱ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي ياۋروپاغا قېچىپ كەتكەن.
دۇنيا تارىخى
(1) (1648 - 1706) پورتۇگالىيە كورۇلى (1683 - 1706). ئالفونسو Ⅵ (1643 - 1683) نىڭ ئىنىسى. 1667-يىلى خانىكە مارىيە فرانسوۋ (؟ - 1683) بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ۋە ئالفونسو Ⅵ نى نەزەربەند قىلىپ ئۆزى نايىب بولغان. 1669-يىلى ئىسپانىيە بىلەن سۈلھ قىلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگەن. 1683-يىلى ئالفونس Ⅵ ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختكە ئولتۇرغان. كورۇل بولغان مەزگىللىرىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارلامېنت چاقىرىشنى توختاتقان. 1703 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن <مېشئوئېن شەرتنامىسى> تۈزگەن. ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە ئاۋسترىيە تەرەپتە تۇرۇپ فرانسىيە بىلەن ئۇرۇشقا، لېكىن ئوتتۇرىدىن ھېچقانداق نەپ ئالالمىغان. (2) (1825 - 1891) برازىلىيە ئىمپېراتورى (1831 - 1889)، 1831-يىلى پېدرو Ⅰ نىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. دەسلەپ نايىبلار كېڭىشى ھاكىمىەيت يۈرگۈزگەن. تەختتىكى مەزگىللەردە، قۇللۇقنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى ۋە جۇمھۇرىيەت ھەرىكەتلىرىنى كۆپ قېتىم باستۇرۇپ لىبېرال پومېشچىك ۋە بۇرژۇئازىيىگە يول قويۇش سىياسىتىنى قوللانغان؛ 1851 - 1852 - يىللىرى ئارگېنتىناغا قارشى ئۇرۇش قوزغىنغان. 1865 - 1870 -يىللىرى يەنە ئارگېنتىنا، ئوراگۋاي بىلەن بىرلىشىپ پاراگۋايغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، تېررىتورىيىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە قۇللار قوزغىلىڭى ۋە قۇللۇقنى بىكار قىلىش ھەرىكەتلىرى كەسكىنلەشكەن، نەتىجىدە 1888-يىلى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش قانۇنىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، بارلىق نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلغان. 1889-يىلى 11-ئايدا فونسېكا (1827 - 1892) قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى جۇمھۇىيەتچىلەر ئارمىيىسى قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىش غەلىبە قىلىپ، ئىمپېرىيە تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، قوشما شتاتلىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. پېدرو Ⅱ ياۋروپاغا قوغلاندى قىلىنغان.