UyghurMain Dictionary
پىدائىيلار تەشكىلاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى شەكلىدىكى مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، 1945 - يىلى ناۋاب سافاۋى (1723 - 1955) تېھراندا قۇردى. ئەزالىرى تۆۋەن قاتلامدىكى شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە سەرگەردان پرولېتارلار بولۇپ، تارىختا پىدائىي خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئىنسانىيەت ئالدىدىكى ھەممە مەسىلىنى ئىسلام دىنى ھەل قىلالايدۇ، دەپ قاراپ، بارلىق مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقلىشىشنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىدىكى روھىنى تىرىلدۈرۈشنى، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا، جۈملىدىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا جىھاد شەكلى بىلەن قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىدى. 1946 - يىلى ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 1955 - يىلى ئىران ھۆكۈمىتى ئۇلارنى باستۇردى. ئاساسىي رەھبەرلىرىگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلدى.