Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېچېنەكلەر
Domain: دۇنيا تارىخى佩激涅格人
pèi jī niè gé rén
تۈركىي قوۋملارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىن Ⅷ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە ۋولگا دەرياسى بىلەن ئورال تېغى ئارىلىقىدىكى جايلاردا ياشىغان. Ⅹ ئەسىردە ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن دۇناي دەرياسى دېلتىسىغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى كونترول قىلغان. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە رۇس ۋە ۋىزانتىيىگە دائىم ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىچكى قىسمىدىكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى تېز سۈرئەتتە پارچىلانغان. كېيىنكى چاغلاردا ھەر قاسى جايلاردىكى پېچېنەكلەر بارا - بارا شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.