Uyghur←ChineseMain Dictionary
پىچىنچا جېڭى
دۇنيا تارىخى
皮钦查役
pí qīn chá yì
لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. بۇ جەڭ ئېكۋادورنىڭ كىتو دېگەن يېرىنىڭ يېنىدىكى پىچىنچا يانار تېغىنىنىڭ قاپتىلىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. 2118-يىلى بولىۋار كولۇمبىيىدىن سۇكرېنى قوشۇن باشلاپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بازىسى - ئېكۋادورغا ھۇجۇم ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. سۇكرې ئالدى بىلەن پېرۇدىن ياردەمگە كەلگەن ئىسپانىيە ئارمىيىسىگە توسۇپ زەربە بەرگەن ھەمدە مۇستەمىلىكىچى ئارمىيىنى پىچىنچا يانار تېغى قاپتىلىغا قاپسىۋالغان. سان مارتىنمۇ گېنېرال سانتاكرۇس (1792 - 1865 - يىللار) نى قوشۇپ باشلاپ، پېرۇنىڭ شىمالىدىن سۇكرېغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن. 1822 - يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىسپانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىنغان، 24-كۈنى ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلغان. ب قېتىمقى جەڭ قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ كىتونى ئازاد قىلىشى ۋە ئىسپانىيە كۈچىنى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىن پۈتۈنەلي قوغلاپ چىقىرىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرت - شارائىت يارىتىپ بەرگەن.