UyghurMain Dictionary
پىچغاس
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پۈتۈم، كېلىشىم، ۋەدە، ئەھد.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز ئىختىيارىي بىلەن ئۈستىگە قالغان مەجبۇرىيەت.
<گەپ>، <سۆز>، <لەۋزە> لەر كۆچمە مەنىدىلا <ۋەدە> گە مەنىداش بولىدۇ.
<بەرمەك>، <ئەيلىمەك>، <قىلماق> لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
قۇرۇق ۋەدە قوڭالتاق كەش. ئىككىگە ۋەدە قىلغاندىن بىرنى بەرگەن تۈزۈك. بېرىپسەن ۋەدە، ئەلۋەتتە ۋاپا قىل، ۋاپاسىزلىقنى قەلبىڭدىن جۇدا قىل. پەيمان ئەيلىمەك؛ پەيمان قىلماق. ئەھدىسىدە تۇرمىغان يولدىن ئازار. ئەھدىسىدە تۇرماسلىق كېسەلنىڭ يامىنى. ئەھدۇپەيمانىڭنى ئۇنتۇما. نامەرد گېپىدە تۇرماس. گېپىدە تۇرمىغاندا ئىشەنچ يوق. ئۆزۈڭ سۆزۈڭدە تۇرمىساڭ، ئۆزگىلەرمۇ سۆزىدە تۇرماس. سۆز بەرگەن يۈز بەرمەس، يول كۆرسەتكەن ئوزۇق. لەۋزە قىلغان ئىكەنسەن، لەۋزىڭدىن يانما. لەۋزىدە تۇرۇش ئىنسانىي خىسلەت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پۈتۈم.
ئەل ئارىسىدا قىلىنغان ۋەدە، ئەھد، شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
پىچغاس بىتىك قىلۇرلار
ئاند كەي يەمە بېرۈرلەر
خاندىن باسۇت تىلەرلەر
باسمىل چومۇل تىركەشۈر
{ئەھدىنامە (پۈتۈم) تۈزۈشىدۇ،
يەنە قەسەم بېرىشىدۇ،
خاندىن ياردەم تىلىشىدۇ،
(ئەمدى) باسمىل، چومۇللار (بىز بىلەن) تىركەشمەكتە.}
ياباقۇ جېڭىدە خاقانغا قارشى چىقماسلىققا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا قەسەم ئىچىلىپ، پۈتۈم تۈزۈلدى، خەلق خاقاندىن سورىدى. باسمىل بىلەن چومۇللار بىزگە قارشى توپلىنىۋىدى، خاقان يىتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلدى.
1 - 599