Uyghur←ChineseMain Dictionary
پائۇلۇس
دۇنيا تارىخى
包鲁斯
bāo lǔ sī
(مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) قەدىمكى رىم قانۇنشۇناسى. تۇغۇلغان يۇرتى ۋە تۇغۇلغان ۋە ئۆلگەن ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. بەزىلەر ئۇنى يۇنانىستانلىق دېيىشىدۇ. ئۇ سىكايۋولا (ئىمپېراتور ماركو ئوردىلۇ دەۋرىدىكى قانۇنشۇناس) نىڭ شاگىرتى، ئىمپېراتور سېپتىمىئۇسسېۋېرۇس تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتىدا ئەمەلدار بولغان بولۇپ، قانۇنشۇناس بابىلئان بىلەن زامانداش، لېكىن ئورنى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان. بىر مەزگىل سۈرگۈن قىلىنغان، ئالېكساندر سېۋىرۇس (208 - 235) تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن چاقىرتىپ كېلىنىپ، خان جەمەتى زوراغانلىق مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەم سوت ئورگىنىنى باشقۇرغان. پائولۇس ئۇلىپىئان (؟ - 228، ئولۇس بىلەن زامانداش) دىن قالسا، رىمنىڭ ئەڭ مەھسۇلاتلىق قانۇنشۇناسى بولۇپ، ئۇنىڭ <قانۇن پەرمانلىرى تەپسىرى>(80 قېتىم) دېگەن ئەسىرىنىڭ كېيىنكى قانۇنشۇناسلارغا تەسىرى زور بولغان. ئېيتلىشچە، پائۇلۇس بىلەن ئۇلىپىئاننىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئىمپېراتور يۈستىنىئان (483 - 565) يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن <دۆلەت قانۇنلىرى توپلىمى> دىكى <تەلىماتلار توپلىمى> قىسمىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلىگەن.