UyghurMain Dictionary
پائۇل مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى خرىستىئان دىنىنىڭ بىدئەت مەزھىپى. مىلادى Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە ئەرمىنىيىدە بارلىققا كەلگەن. Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدكى كىچىك ئاسىياغا تارقالغان. ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانلار بىلەن شەھەر پۇقرالىرىدىن ئىبارەت. بۇ مەزھەپ مانى دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئىككى مەنبەچىلىك خاراتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئىككى ئىلاھ - يەنى ئاق كۆڭۈل ئىلاھ (تەڭرى) ۋە قارانىيەت ئىلاھ (شەيتان، ئالۋاستى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەۋجۇت بولۇپ، بارلىق مال - مۈلۈك بولۇپمۇ چېركاۋلارنىڭ مال - مۈلكى قارا نىيەت ئىلاھ (شەيتان، ئالۋاستى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەۋجۇت بولۇپ، بارلىق مال - مۈلۈك بولۇپمۇ چېركاۋلارنىڭ مال ـ مۈلكى قارا نىيەت ئىلاھنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىغان. بۇ مەزھەپ ئورتودوكسال چېركاۋلارغا قارشى تۇرۇپ، دىنىي تەبىقە تۈزۈمىنى ۋە دىنىي مۇراسىملارنى ئادىديلاشتۇرۇشنى، ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلمەسلىكنى، مۇقەددەس بۇتقا چوقۇنۇشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەممە ئەزالار ئۆزئارا باراۋەر بولغان دەسلەپكى خرىستىئان جامائەسىنى قايتىدىن قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. كېيىن مۇقەددەس بۇتنى بۇزۇش ھەرىكىتىنى قولىغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەزكۇر مەزھەپنىڭ بىر قىسىم مۇرىتلىرى چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئەرەب ئىمپرىيىسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىغا كىرىپ، قەلئەلەرنى سېلىپ، قوراللىق كۈچ تەشكىللەش ئارقىلىق، ۋېزانتىيە قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. 872-يىلى ۋېزانتىيە ئىمپېراتورى بازىل Ⅰ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، پائۇل مەزھىپىدىكىلەرنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن پائۇل مەزھىپىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇرىتلىرى سېپىروسفا كۆچۈرۈلگەن ھەمدە تەدىرىجىي ھالدا شۇ يەردىكى باگامىل مەزھىپى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن.