UyghurMain Dictionary
پاتېسى
دۇنيا تارىخى
<ئېنسى>دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن3000 يىل ئىلگىرى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلەتلىرى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نامى. ئۇ ئەمىلى كىچىك پادىشاھ بولۇپ ياكى مىراس قىلغان، ياكى ئاقساقاللار كېڭىشىدە سايلام بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن. ئادەتتىكى چاغلاردا سىياسىي ئىشلارنى باشقۇرۇپ، نەزىرچىراغ ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان؛ لېكىن ئۇنىڭ ھوقۇقى ئاقساقاللار كېڭىشى ۋە خەلق يىغىنىنىڭ مەلۇم چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىرلىككە كېلىشىكە يۈزلىنىش جەريانىدا، پاتېسىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان <لۇگال> دېگەن نام مەيدانغا كەلگەن.