Uyghur←ChineseMain Dictionary
پاتاگونىيە ئېگىزلىكى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر巴塔哥尼亚高原
bā tǎ gē ní yà gāo yuán
ئارگېنتىنانىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئېگىز تەكشىلىك بولۇپ، ئۇ شىمالدا كولورادو دەرياسىدىن تارتىپ جەنۇبتا ماگاللان بوغۇزىغا سوزۇلىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1000 مېتر ئەتراپىدا كېلىدىغان ئاندىس (پاتاگونىيە تاغلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تاغلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرققە قاراپ پەلەمپەي شەكلىدە تەدرىجىي پەسلەپ ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. پاتاگونىيىنىڭ ئىقلىمى سالقىن خاراكتېرلىك قۇرغاق ئىقلىم بولۇپ، كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 مىللىمېتر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ئارگېنتىنانىڭ مۇھىم چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىدىكى رىۋاداۋىيە رايونى ئارگېنتىنانىڭ مۇھىم نېفىت رايونى ھېسابلىنىدۇ
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.