UyghurMain Dictionary
پاسخا بايرىمى
چەت ئەل ئۆرۈپ- ئادەتلىرى
پاسخا بايرىمى خرىستىئان دىنىدىكىلەرنىڭ ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ قايتا تىرىلگەنلىكىنى خاتىرىلەش بايرىمى. ئۇ ياۋروپا - ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە روژدېستۋو بايرىمىدىن قالسىلا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدىغان چوڭ بايرام. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىيسا پەيغەمبەر كرېستقا مىخلانغاندىن كېيىن، قايتىدىن تىرىلىپ ئەرشكە چىقىپ كەتكەنىكەن. نىتسېئا يىغىنىدا ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىپ، ئاي تولغاندىن كېيىنكى بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى «پاسخا بايرىمى» قىلىپ بېكىتىلگەن. پاسخا بايرىمىدا دىنىي مۇراسىملاردىن باشقا يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرى بار.
ئەنگلىيىدە كىشىلەر تېمس دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى بېتسى باغچىسىدا گىرىم قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. سېرك ئۆمىكىنىڭ قىزىقچىلىرى ياغاچ پۇتتا ماڭىدۇ ياكى غەلىتە ۋېلىسىپىتلارنى مىنىۋالىدۇ؛ ئۇ يەردە بالىلار ياقتۇرىدىغان چاشقان مىككى، شوتلاندىيىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋولىنكا مۇزىكا ئەترىتى، بالىلار رول ئالغان ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى ئوردا قاراۋۇللىرى قاتارلىقلار بار.
گرېتسىيىدە سىمۋول خاراكتېرىدە ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مېكسىكىنىڭ بەزى جايلىرىدا يۇدانىڭ تەقلىدىي سۈرىتى كۆيدۈرۈلىدۇ. يۇدا «ئىنجىل» ھېكايىلىرىدە ئىيسا پەيغەمبەرگە ساتقىنلىق قىلغان ئادەم.
ئامېرىكىدا پاسخا بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى زۇڭتۇڭ ئاقسارايغا مېھمان چاقىرىپ، «رەڭلىك تۇخۇم دومىلىتىش» ئويۇنىغا بالىلىرى بىلەن بىللە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بالىلار قىزغىن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە رەڭلىك بويالغان، باياشاتلىق ۋە بەختكە سىمۋول قىلىنغان پىششىق تۇخۇمنى چىملىقتا دومىلىتىپ ئوينايدۇ. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باغچىلاردىمۇ بالىلار ئۈچۈن پاسخا بايرىمىلىق تۇخۇم دومىلىتىش ئويۇنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
دۇنيا تارىخى
خرىستىئان دىنىدا <ئەيسانىڭ تىرىلگەن> لىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بايرام. <ئىنجىل> دا خرىستوس ئەيسا كرېستقا مىخلىنىپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلگەن دېيىلگەن. خرىستىئان مۇرىتلىرى بۇ كۈننى يەكشەنبە دەپ قارىغان. مىلادى 325-يىلدىكى نىسىيە يىغىنى (خرىستىئان دىننىڭ تۇنجى قېتىملىق ئېپىسكوپلار يىغىنى) دا ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش ( ئادەتتە 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ) مەزگىلى ئۆتۈپ ئاي تولغاندىن كېيىنكى بىرىنچى يەكشەنبىنى پاسخا بايرىمى كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەن، كېيىن شۇ بويىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى غەربىي ياۋروپا گرېگورى كالېندارى ئىشلەتكەنلىكى (يەنى بۈگۈنكى قوللىنىلىۋاتقان <مىلادىيە> كالېندارى)، پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ كالېندارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن پاسخا بايرىمىنىڭ كونكرېت ۋاقتى كاتولىك دىنى ۋە پروتېستانت دىنىڭكىدىن بىر - ئىككى ھەپتە پەرق قىلغان. مەسىلەن، مىلادىيە ھېسابى بويىچە 1979-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى (كونا كالېنداردا 2-ئاينىڭ 23-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ) ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىدۇ. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى (كونا كالېنداردا 3-ئاينىڭ 15-كۈنى )يەكشەنبە( پاسخا بايرىمى قىىپ بېكىتىلگەن. <ئازاب چېكىش بايرىمى> غا قارالسۇن.