UyghurMain Dictionary
پاسكېۋىچ
دۇنيا تارىخى
(1782-1856)روسىيە مارشالى. ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، روسىيەتۈركىيە ئۇرۇشى (1806-1812) غا ۋە ناپولىئونغا قارشى ئۇرۇش (1812-1814) قا قاتناشقان. 1817-1819-يىللىرى ئوردا گۋاردىستلار دىۋىزىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان، نىكولاي Ⅱ نىڭ قەدىرلىشىگە ئىگە بولۇپ، تېز ئۆسكەن، 1826-1828-يىللىرى روسىيەئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1828-1829-يىللىرى كاپكازدا تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. دېكابرچىلارنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشقا قاتناشقان؛ دېھقانلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان؛ پولشا (1830-1831)، ۋېنگرىيە (1848-1849) مىللىي قوزغىلىڭىنى ئۇجۇقتۇرغان. پولشادا تۇرۇشلۇق باش ۋالىي بولغان. قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلى (1853-1856) دە غەربىي سەپتە ۋە دوناي دەرياسى ۋادىسىدا جەڭ قىلىپ، ھەممە جەڭدە مەغلۇپ بولغان.