Uyghur←ChineseMain Dictionary
پارسۋا
Domain: دۇنيا تارىخى胁尊者
xié zūn zhě
قەدىمكى ھىندىستاندىكى بۇددا پەيلاسوپى. كۇشانىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كانىشكا (مىلادى Ⅱئەسىر) بىلەن دەۋرداش بولۇپ، دائىم ئوردىغا كىرىپ چىقىپ تۇرغان. شۇ چاغدا كۇشانىيە ماھايانا بۇددا دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە تارقىتىدىغان مەركەز بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پارسۋا500 نەپەر كاتتا راھىپىنى يىغىپ، ۋاسۇمىترانى تۆردە ئولتۇرغۇزۇپ، كاشمىرا(ھازىرقى كەشمىر)دا بۇددا نوملىرىنى تۆتىنچى قېتىم توپلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، سۇتراپىتاكا، ۋىنا ياپىتاكا، ئابخىد خارماپتاكادىن ئىبارەتن ئۈچ پىتاكانىڭ ھەربىرىنى 100 مىڭ مەدھىيە قىلىپ، جەمئىي 9 مىليون 600 مىڭ سۆزلۈك بۇددانومى قىلىشنى ئورۇندىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.