Uyghur←ChineseMain Dictionary
پاركمان
Domain: دۇنيا تارىخى巴克
bā kè
(1823-1893). ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. كېيىن قانۇن ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. مەخسۇس ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىنى تالىشىش ئۇرۇشى تارىخىنى تەتقىق قىلغان. ئورېگون قاتارلىق جايلارنى كەڭ كۆلەمدە ساياھەت قىلىپ، غەربىي قىسىمدىكى ئىندىئانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن ھەمدە كانادا ۋە ياۋرۇپا قاتارلىق جايلارنى بىرقانچە قېتىم زىيارەت قىلىپ، مول ماتىرىيال توپلىغان. 1853-1863-يىللىرى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى سەۋەبلىك، ئېغىر كېسەل ئۇنى چىرمىۋالغاچقا، تارىخ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. شۇنىڭ بىلەن كەسىپنى ئورمانچىلىققا ئۆزگەرتىپ، بۇنىڭدىمۇ نەتىجە قازانغان. 1868-يىلى خارۋارد ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ تەپتىشى بولغان. 1871-يىلى ئورمانچىلىق پروفېسسورى بولغان. 1875-1888-يىللىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باھالاش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ <ئورېگۇندىكى ئىز>، <پونتېئاركتىكى توپىلاڭ خاتىرىلىرى> ۋە <ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە شىمالىي ئامېرىكىدا> قاتارلىق توپلاملىرى بار.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى帕克曼
pà kè màn
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.