UyghurMain Dictionary
پاراسەتلىك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى - ھوشى جايىدا، پەم - پاراسىتى بار.
ئەقىلسىز، پاراسەتسىز، پەمسىز
ئەقلى، پەم - پاراسىتى كەم ۋە ياكى يوق.
ئەقىللىق ئالدىماس ھەم ئالدانماس. پاراسەتلىككە بالا - قازا يولىماس. پاراسەتسىز پاراڭچى كېلىدۇ. ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەقىلسىز خوتۇنىنى. ئەقىلسىز بىلەن پولۇ يېگۈچە، ئەقىللىق بىلەن تاش توشۇ. ئەقىللىق ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەقىلسىز چۈشىگە. پاراسەتلىك ئۆزىنى ئەيىبلەر، پاراسەتسىز ئۆزگىنى. پەملىك ئىش پۈتتۈرەر. پەمسىز پەلەمپەيدىن يىقىلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پەم - پاراسىتى بار، پەم - پاراسەتكە ئىگە، دىتلىق، ئەقىللىق.
پاراسەتلىك كىشى.