UyghurMain Dictionary
پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى ئىسلام جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلاتى بولۇپ، 1978 - يىلى لائې شەھىرىدە قۇرۇلدى. پايتەخت مورېسبى پورتىدا شۆبىسى بار. مەقسىتى: ئىسلام دىنىنى تارقىتىش، مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ھەر يىلى قەرەللىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى بىرلىكتە ئۆگىنىدۇ. جەبۇنىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىسلام دىنىنى تەرغىب قىلىش مۇدىرىيىتىنى قۇرغان ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.