UyghurMain Dictionary
پانۇس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆي ۋە يولنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ. ھەر كىمنىڭ چىرىغىنىڭ يورۇقى ئۆزىگە چۈشەر. سەن چىراغنى كۆرەلمىسەڭ، چىراغ بىلەن نېمە كۆرۈرسەن؟ شام خەقنى يورۇتار، ئۆزىنى يوق قىلار. ئادەمنىڭ ھاياتى خۇددى شامدەك باشتىن ئاخىرغىچە نۇر چېچىپ تۇرۇشى كېرەك. پانار كېچىنىڭ كۈنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە<گرېكچە
ئادەتتە قولدا كۆتۈرىدىغان ياكى بىرەر جايغا ئېسىپ قويۇلىدىغان، شامال ۋە ھۆل - يېغىندىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىرتى قەغەز ياكى ئەينەك بىلەن قاپلانغان، ئىچىگە شام ياكى كىرسىن يېقىلىدىغان بىر خىل چىراغ.
دەرەخلەر ئارىسىغا خىلمۇخىل رەڭلىك پانۇسلار ئېسىلغانىدى.