Uyghur←ChineseMain Dictionary
پان ياۋوپا ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
泛欧联盟
fàn ōu lián méng
فرانسىيە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ياۋروپا كاپىتالىستىك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىقى پىلانى. فرانسىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى برىئان 1929-ىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى نۇتقىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان؛ 1930-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە ئەۋەتكەن مېموراندۇمدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، ياۋروپا فېدېاتسىيىسىنى بەرپا قىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارا چېگرا بېجىنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت. 1193-يىلى 1-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى بۇ ئىتتىپاقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. فرانسىيىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن پولشا، چېخيە پائال ئاۋاز قوشقان، بىراق ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. 1930-يىلى 5-ئايدا <ياۋروپا كومىتېتى> قۇرۇلغان، كېيىن ئىچكى زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.