UyghurMain Dictionary
پاللاۋىكىنو ترىۋۇلزىئو
دۇنيا تارىخى
(1796 - 1878)«پاللاۋىكىنو - ترىۋۇلزىئو» ئىتالىيە ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى، ماركىز. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىلان مەخپىي پىدائىيلار قوشۇنى ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىگە قاتناشقان، 1821-يىلى 12-ئايدا قولغا ئېلىنغان ھەمدە 1835-يىلغىچە قامالغان. 1848-يىلى 3-ئايدا مىلان خەلقىنىڭ ئاۋستىرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 50-يىللاردا مۆتىدىل دېموكراتىزمچىدىن ھۈرىيەتپەرۋەرگە ئايلانغان. 1857-يىلى ئىتالىيە مىللىي جەمئىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1860-يىلى گارىبالدىنىڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىسى نېئاپولغا كىرگەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ مۇستەبىتى بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تەسىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئاجىزلاشتۇرغان ھەمدە ساۋوييا خاندانلىقىنىڭ ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە كۈچ چىقارغان. 1862-يىلى پالېرمو ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان.