UyghurMain Dictionary
پالەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتياشنىڭ بىر خىلى، يوپۇرمىقى ئۈچ بۇرجەك، غوى قىزغۇچ كېلىدۇ.
«باشاقكۆك» ، «باشاق» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
پالەكنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، 100 گىرام پالەكتىن 18 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ لويلا ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، پالەككە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى سەل ئۈچ بۇرجەك؛ يىلتىزى ئازراق قىزىل كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چۆپى يېتىلگەندە، پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
ئاغرىق توختىتىش، ئىسسىقلىقتىن بولغان تەپلەرنى پەسەيتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش،
ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ چۆپى ۋە ئۇرۇقىدىن 36 گرام، سىقىلغان سۈيىدىن سەككىز گرام
ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
پالەكنى ماش بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان نەزلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
پالەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىلەن غار - غار قىلسا، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
پالەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقى ۋە يەرقان كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
پالەكنى پىشۇرۇپ ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان بۇغۇم ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق ۋە قان سەپرادىن
بولغان سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
خام پالەكنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرە چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
پالەكنى ئېزىپ سەدەپ بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، دانىخورەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
پالەكنىڭ ئەسلىي ماكانى پېرسىيە (يەنى ھازىرقى ئىران تەرەپ)دۇر. پارسلار2000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا پالەكنى كۆكتات ئورنىدا تېرىپ ئۆستۈرگەن. تاڭ سۇلالىسى جېنگۇەن يىللىرىنىڭ21 - يىلى (647 - يىلى) نىپال پادىشاھى نارېندرادېۋا پالەكنى سوۋغات سۈپىتىدە مەخسۇس ئادەم ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ چاڭئەن شەھىرىگە ئەۋەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پالەك ئېلىمىزگە ماكانلاشقان ھەم كۆكتاتلار ئىچىدە خېلى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. قەدىمكى ئەرەبلەر پالەكنى كۆكتات شاھى دەپ ئاتاشقان.
پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئوق يىلتىزى گۆشلۈك، رەڭگى قىزىل، تەمى تاتلىق بولۇپ يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن يان يىلتىزلىرى تەرەققىي قىلمىغان. غولى تىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ،50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەندىن كېيىن شاخلىنىشقا باشلايدۇ. كۈزنىڭ ئاخىرلىرى تېرىلغان پالەك كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا چېچەكلەيدۇ، ئەتىيازدا تېرىلغان پالەك باش يازدا چېچەكلەيدۇ. ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ، شامال ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىنىدۇ. ئارىلاپ ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە ئۆسىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، ئادەتتە3 ~5 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرىدۇ.
پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە پالەكنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ھېچقانداق ئۆسۈملۈك يوق. ھەر كىلوگرام پالەك تەركىبىدە24 گرام ئاقسىل،3 گرام ماي،1030 مىللىگرام كالتىسىي،380 مىللىي گرام ۋىتامىن C بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر ماددىسىمۇ خېلى مول.
ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە،100 گرام پالەك ئادەمنىڭ24 سائەت ئىچىدىكى ۋىتامىن C غا بولغان ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرەلەيدىكەن. پالەكنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە خېلى ياخشى رولى بولىدىكەن. پالەكنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن كەمچىللىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىكەن.
پالەكنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئۇنىڭ تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى (ئوكسالىك كىسلاتا) بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. چۆپ كىسلاتاسى تۆمۈر، كالتسىيلارغا يولۇقسا ئېرىمەيدىغان تۆمۈر ئوكسالات ۋە كالتسىي ئوكسالات تۇزلىرىنى ھاسىل قىلىپ، تۆمۈر، كالتسىيلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، پالەكنى تۆمۈر قازاندا پىشۇرماسلىق، شۇنداقلا دۇفۇ (پۇرچاق ئۇيۇتمىسى) بىلەن بىللە پىشۇرماسلىق كېرەك. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ «پالەك بىلەن دۇفۇنى بىللە قورۇش» ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىيلىكى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
لويلا ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، يوپۇرمىقى سەل - پەل ئۈچ بۇرجەك؛ يىلتىزى سەل قىزىل كېلىدۇ؛ ئوتياش ئورنىدا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ.