Chinese→UyghurMain Dictionary
帕累托
دۇنيا تارىخى
پارېتو
(1848 - 1923) ئىتالىيە ئىقتىسادشۇناسى ۋە سوتسولوگى. لوزاننا ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. پارىژدا تۇغۇلغان. ئاتىسى گېنويىلىك ئاقسۆڭەك، مادزىنچى بولۇپ، ئەركىن جۇمھۇرىيەتنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن فرانسىيىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىپ ئۆزىى دالدىغا ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. 1869-يىلى تۇرىن ئالىي سانائەت داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن تۆمۈركان ئىنژېنېرى بولغان، لېكى ئۆزلۈكىدىن ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىيەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىپ، مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1893-يىلى تەكلىپ بىلەن شۋېتسارىيە لوزاننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پروفېسسورى بولغان. ئۇزاق ۋاقىت شۋېتسارىيە ئولتۇراقلاشقان. ماتېماتىكىنى ئىقتىساد نەزەرىيىسىگە تەتبىقلىغان ھەمدە ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىنڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە يولسىزلىقىنىڭ ئامىلىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇن ئىقتىسادىي دەۋر قىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسى قىلغان. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنى مۇۋاپىق تەسقى قىلغاندا، ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا يەتكىلى بولىدۇ؛ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتە سىنىپتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ، دەپ قاراپ، مەشھۇر ئەبابلار ھۆكۈمرانلىق قىلىش نەزەرىيىسىن تەشەببۇس قىلغان فاشىشتلار ئۇنىڭ نەزەرىيىسىدىن پايدىلانغان. ئۇنىڭ <سىياسىي ئىقتىساد دەرسلىكى>، <سوتسولوگىيە سىستېمىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.