Uyghur←ChineseMain Dictionary
پاكلار
دۇنيا تارىخى
纯洁派
chún jié pài
Ⅸئەسىردىن ⅢⅩئەسىرگىچە ئىتالىيە ۋە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي (شۇ جايدا ئالبىچىلار دەپ ئاتالغان) قىسمىدا كەڭ تارقالغان غەيرىي خىرىستىئان مەزھىپى. ئۇلار ئەھلىسەلىپ شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە بالقان يېرىم ئارىلىدىن غەربىي ياۋرۇپاغا تارقالغان پائۇلچىلار بىلەن بوگۇمېلچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، شەكىلسىز روھىي دۇنيانى خۇدا ياراتقان، رېئال ماددىي دۇنيائىبلىس (شەيتان) قىلمىشلىرىنىڭ نەتىجىسى دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا، ئۇلار كاتولىك چېركاۋىغا ۋە مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى تۇرغان، چېركاۋنىڭ گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارى سېتىشىغا ۋە ئۆشرە ئېلىشىغا قارشى تۇرغان، مۇقەددەس ھەيكەللەرگە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرغان. ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرى ئاساسەن قول ھۈنەرۋەنلەر ۋەدېھقانلاردىن ئىبارەت. ئۇلار تەركىدۇنيالىق،توي قىلماسلىق، گۆش يىمەسلىكنى يولغا قويغان. شۇڭا پاپا ۋە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يوقالغان.