Chinese→UyghurMain Dictionary
帕尔米拉
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
pà ěr mǐ lā
پالمىراDتارىخ
pà ěr mǐ lā
پالمېتىس
دۇنيا تارىخى
پالمىرا
سۈرىيىنىڭ قەدىمكى زاماندىكى پايتەخت خارابىسى. ئورنى سۈرىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەمەشق شەھىرىنىڭ شەرق شىمالىدىن تەخمىنەن 230 كىلومېتىر كېلىدىغان سۈرىيە قۇملۇقىدا. ئۇ قەدىمكى زاماندا پارىس قولتۇقى بىەلن شەرقتىكى دۆلەتلەرنى شۇنىڭدەك ئوتتۇر دېڭىز بىلەن غەربتىكى دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان خەلقئارا سودا مەركىزى ھەم قەدىمكى زاماندىكى <يىپەك يولى> نىڭ مۇھىم تۈگۈنى. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۈللىنىشكە باشلىغان. 273-يىلدىكى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان. ⅩⅧ ئەسىردە يېڭىدىن تېپىلغان. ئاساسلىق خارابىسى ئۇزۇنلۇقى 1600 مېتىر كېلىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولۇپ، زەپەر دەرۋازىسى، تۆت تۆۋرۈكلۈك دەرۋازا، بېل ئىبادەتخانىسى، تاش تۈۋرۈكلۈك كارىدور، تىياتىرخانا قاتارلىقلار بار. ئۇ Ⅱ ئەسىردە پادىشاھ ھادرىئان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ياسالغان. يېقىن ئەتراپتىكى قەبرىستانلىقتىمۇ مۇنار قەبرە، ئىبادەتخانا شەكىللىك قەبرە ۋە ئۆڭكۈر قەبرىلەر بار. قەبرە ئىگىسىنىڭ ھەيكىلى، تام رەسىملىرى ۋە يىپەك توقۇلما قاتارلىق قەدىمكى نەرسىلەر تېپىلغان.