Uyghur←ChineseMain Dictionary
پادىشاھلىق باغ پەرمانى
Domain: دۇنيا تارىخى御园敕令
yù yuán chì lìng
يەنە <گۈللۈك پەرمانى> دەپمۇ ئاتالغان. تۈركىيە سۇلتانى ئېلان قىلغان ئىسلاھات توغرىسىدىكى پەرمان. ⅨⅩئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمران گورۇھىدىكى ياۋرۇپادا تەربىيلەنگەن بىر قىسىم ئەمەلدار ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1839-يىلدىكى ئىككىنچى قېتىملىق تۈركىيەمىسىر ئۇرۇشىدا، تۈركىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولغان. ئىمپىرىيىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن، ئىسلاھاتچىلارنىڭ داھىيىسى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مۇستاپا رەشىد پاشا (1799 ياكى 1802 - 1858) سۇلتان ئابدۇل. مەجىد (1823 - 1861) نى ئىسلاھات قىلىشقا كۆندۈرگەن، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى رەشىد ئوردىدىكى گۈللۈكتە ۋەزىر، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخۇنلارغا ۋە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرىگە ئۆزى يېزىپ چىقىپ، سۇلتاننىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلاھات پەرمانىنى ئوقۇپ بەرگەن. بۇ پەرماندا ئىمپېرىيىدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي، نام - ئابروي ۋە مال - مۈلكىنىڭ دەخلى - تەرۇزسىزلىكى ھوقۇقىدىن بىردك بەھرىمەن بولىدىغانلىقى، باج تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقى؛ قانۇنچىلىق ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنىدىغانلىقى ۋەھاكازالار بەلگىلەنگەن. بۇ پەرمان تارىختا <پادىشاھلىق باغ پەرمانى> دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ جاكارلىنىشى تۈركىيە <تانزىمات> ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.