UyghurMain Dictionary
پادېرېۋىسكىي
دۇنيا تارىخى
(1860 - 1941)پولشالىق پىئانىنوچى، زۇڭلى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1919-1920). ياش ۋاقتىدا ۋارشاۋا مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىن ۋېنادا لېشتىسكى (1830-1915)دىن بىلىمئالغان. 1877-يىلدىن باشلاپ دائىم ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا ئويۇن كۆرسەتكەن. 1915-1922-يىللىرى پولشانى مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى كۆزلەپ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1922-يىلدىن باشلاپ يەنە پىئانىنو چالغان. 1940-يىلى فىرانسىيىدە پولشا قاچقۇنلار ھۆكۈمىتى مىللىي پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ شوپىننىڭ ئەسەرلىرىنى ئورۇنلاشقا ماھىرلىقى بىلەن مەشھۇر. <شوپىن ئەسەرلىرى>نىڭ باش تەھرىرى بولغان.