UyghurMain Dictionary
پادىچىلار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
8 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە فرانسىيە بىلەن فلاندىريىدىكى دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزىنى خۇدانىڭ <پادىچىلىرى>دەپ ئاتىغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1214-يىلى تۇنجى قېتىم كۆتۈرۈلگەن. 1251-يىلىدىكى قوزغىلاڭنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ،ۋېنگرىيىدىن كەلگەن ئاقساقال ياك رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى فلاندرىيە ۋەپىكاردى (فرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان)دىن يۈرۈش قىلىپ پارىژنى ئىشغال قىلىپ، كېيىن جەنۇبتا ئورلىئان ۋە تۇلغا يۈرۈش قىلغان. قوزغىلاڭچىلار يول بويى فېئودال قورغۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ، فېئوداللار بىلەن مىسسىئونېرلارنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن كورۇل ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، ياك قۇربانبولغان. 1320-يىلى فلاندرىيەدە يەنى يېڭى قوزغىلاڭ پارتلاپ فرانسىيەنىڭ جەنۇبىغا تېزلىكتە كېڭەيگەن، بۇ قوزغىلاڭمۇ مەغلۇپ بولغان.