Chinese→UyghurMain Dictionary
欧洲经济共体
دۇنيا تارىخى
ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى
ياۋروپا ئىقتىسادىي گۇرۇھى ياكى غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غەربىي ياۋروپادىكى ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي گۇرۇھ. 1957 - يىل 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى فرانسىيە، فېدېراتىپ گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە ليۇكسېمبۇرگتىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت رىمدا <ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1958 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلغان. 1968 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە كەلگەندە، ئەسلىدە بەلگىلەنگەنئالتە دۆلەت ئارا سانائەت بۇيۇملىرىنى ئەركىن ئالماشتۇرۇش، چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىنى مۇددەتتىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغان. يەنە ئورتاق يېزا ئىگىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورتاق يېزا ئىگىلىك فوندى تەسىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئالتە دۆلەت مال، ئەمگەك كۈچى ۋە مەبلەغ ئەركىن ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئورتاق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن. 1973 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەنگلىيە، ئىرلاندىيە، دانىيە رەسمىي ئەزا بولغان. 1981 - يىلى گرېتسىيە رەسمىي ئەزا بولغان، 1972 - 1973 - يىللىرى نورۋېگىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە، ئىسلاندىيە، پورتۇگالىيە، فىنلاندىيە بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان، غەربىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتتە ئەركىن سودا رايونى قۇرغان. 1975 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1975 - يىلى 2 - ئايدا ۋە 1979 - يىلى 10 - ئايدا ئافرىقا، كارىپ دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىككى قېتىم <لومې كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. يەنە ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلاردىكى بىرقانچە ئون دۆلەت بىلەن ئالاقە باغلىغۇچى دۆلەت كېلىشىمى ياكى ئىمتىيازلىق چېگرا بېجى كېلىشىمى ئىمزالىغان. مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى ئالىي سىياسەت بەلگىلەش ئورگىنى، ئىجرائىيە كومىتېتى ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى، بۇ ئىككى ئورگان بېلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا تەسىس قىلىنغان؛ ياۋروپا پارلامېنتى تەپتىش ئورگىنى بولۇپ، فرانسىيىنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان؛ سوت مەھكىمىسى ئالىي كېسىم چىقىرىش ئورگىنى بولۇپ، ليۇكسىمبۇرگتا تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇددەتلىك ھالدا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ۋە مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاشقى سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ تۇرغان. باش ئورگىنى بىريۇسسېلدا تەسىس قىلىنغان. ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن دۆلەتلەر 100 دىن ئاشىدۇ.