UyghurMain Dictionary
نىزامۇل مۈلك
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 1017 - 1092) سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى. تۇستا دۇنياغا كەلگەن. بەلخ ھۆكۈمرانىغا كاتىب بولغان، كېيىن سالجۇقىيلار سۇلالىسغا باش ۋەزىر بولغان. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان 30 نەچچە يىلدا ئىسلام مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ نېشابۇر، بەلخ، ھىرات، ئىسفاھان، بەسرە، مۇسۇل ۋە باغدات قاتارلىق جايلاردا <نىزامىيە ئۇنىۋېرسىتېت> لىرىنى قۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئىلمىي تەۋھىد ۋە ئىلمىي فىقھە ئىگىلىرىنى ۋە ھۆكۈمەت مەمۇرىلىرىنى يېتىشتۈردى. كېيىن ھەششاشۇنچىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. <سىياسەتنامە> (مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار دەستۇرى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.