UyghurMain Dictionary
نىزامىيە سوتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ھازىرقى زاماندىكى دىندىن تاشقىرى نىزاملارنى يولغا قويغان سوت بولۇپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدە قۇرۇلۇپ، تۈركىيىنىڭ 1851 -، 1858 -، 1861 - يىللىرى ئېلان قىلىنغان <تىجارەت شەرىئىتى>، <جىنايى ئىشلار شەرىئىتى>، <سودا تەرتىپى شەرىئىتى> ۋە <ئوسمانلى ھەق تەلەپ شەرىئىتى> نى سوراق ۋە ھۆكۈمنىڭ ئاساسى قىلدى. بۇ سوت قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەھكىمە شەرئىنىڭ بىر قىسىم رولىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۈركىيىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ مەھسۇلى بولدى. كېيىن مىسىر قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ بۇنى قوللاندى.