Uyghur←ChineseMain Dictionary
نىئىدا نوبورۇ
دۇنيا تارىخى
仁井田堕
rén jǐng tián duò
1904 - 1966( ياپونىيىلىك تارىخشۇناس، قانۇن ئىلمىي دوكتورى. 1928-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. شەرق مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توكيو تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلغان. ناكائىسامۇ )1877 - 1967( نىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگونىڭ قانۇن -تۈزۈم تارىخىنى تەتقىق قىلغان. 1942-يىلى توكيو ئىپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ياپونىيە مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1964-يىلى ئارامغا چىققان. 1965 - 1966-يىللىرى ئەنگلىيىگە بېرىپ دەرس سۆزلىگەن. دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ <تاڭ سۇلالىسى پەرمانلىرىدىن تەرمىلەر>، <تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى قانۇن ھۆجقەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات>، <جۇڭگونىڭ قانۇن تارىخى>، <جۇڭەو جەمئىيىتى ۋە گۇئىلد>، <جۇڭگو يېزىلىرىدىكى ئاھالە>، <جۇڭگونىڭ قانۇن - تۈزۈم تارىخى>، <جۇڭگو ئىجتىمائىي قانۇن - تۈزۈم ۋە ئەدەب - ئەخلاق قائىدىلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.