UyghurMain Dictionary
نېئاپول پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
(1) ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى فېئودال پادىشاھلىق. پايتەختى نېئاپول شەھىرى. 1282-يىلى سىتسىلىيە پادىشاھلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئانجۇ خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر بىلەن سىرتتىن كەلگەن فرانسۇز ئاقسۆڭەكلىرى دېھقانلارغا قارىتا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى كۈچەيتكەن، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي قىسمىدىكى سودىگەرلەر پادىشاھلىقتا سودا ئىمتىازىدىن بەھرىمەن بولغان. داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلگەن ئىچكى نىزالار كورۇل ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرغان. 1382-يىلى پادىشاھلىق تەختىگە ئانجۇ خاندانلىقىنىڭ ۋېنگىر جەمەتى ۋارىسلىق قىلغان. 1442-يىلى ئاراگون بىلەن سىتسىلىيە كورۇلى ئالفونسو Ⅴ، نېئاپول پادىشاھلىقىنى بېسىۋالغان ھەمدە ئۇنى سىتسىلىيە بىلەن قوشۇپ <ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقى> دەپ ئاتىغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن يەنە ئىككىگە بۆلۈنۈپ نېئاپول پادىشاھلىقىغا ئوغلى فېردىناند (1458 - 1494-يىللىرى تەختتە تۇرغان) ۋارىسلىق قىلغان. 1501-يىلى ئارگون خاندانلىقىنىڭ نېئاپول پادىشاھلىقىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقان. 1504-يىلى ئىسپانىيە ئىتلىايىدىكى ئۇرۇش (1494 - 1559) داۋامىدا نىئاپولنى ئىشغال قىلغان. ئارقىدىنلا جەنۇبىي ئىتالىيە بىلەن سىتسىلىيىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. (2) فرانسىيە بېسىۋالغان ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ قرۇقلۇق قىسمىدا بەرپا قىلغان بېقىندى دۆلەت. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جوسېف بوناپارت ۋە مارشال مورالار كورۇل بولغان. بۇ پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە فېئوداللىق تۈزۈمنى بىكار قىلىش، فېئودال ئەدلىيە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ۋە فېئودال خوجىلىق زېمىن تەقسىم قىلىپ بىرىش، يەر بېجى بىلەن سانائەت بېجىنى بەلگىلىگەن پەرمانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى جاكارلىغان. بۇلار مۇئەييەن ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. بىراق ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتە فرانسىيىگە بېقىنغانلىقى، چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىشقا قاتناشقانلىقى ۋە ئەنگلىيە بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى تۈپەيلىدىن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان فېئوداللىققا قارشى تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان. 1815-يىلى بۇ پادىشاھلىق ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. ۋېنا يىغىنىنىڭ قارارىغا بىنائەن بوربون خاندانلىقى نېئاپولدا قايتا تىرىلدۈرۈلگەن.